Microsoft دىن مەشغۇلات سۇپىسى ھالقىغان كود تەھرىرلەش قورالى

Visual Studio Code

Microsoft تىلغا ئېلىنسا ئاۋۋال كاللىمىزغا Windows سېستىمىلار ۋە Refresh كونۇپكىسى كېلىدۇ، بولۇپمۇ Visual Studio ئىشلىتىدىغان پروگراممېرلار ئۈچۈن Microsoft تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مەشغۇلات سۇپىسى ھالقىغان سېستىما تۈزۈش ناھايىتى بىر مۈشكۈل ئىش ئىدى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ شىركەت Mac OS ۋە Linux سېستىمىلارغا يۈزلىنىپ، بۇ مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا ئىشلىنىدىغان ھەقسىز ھەمدە كودى ئېچىۋېتىلگەن مەھسۇلاتلىرىنى ئۈلۈكسىز ئىشلەپ چىقارماقتا ھەمدە بۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىزچىل يېڭىلاپ تۇرماقتا. مانا مۇشۇنداق مەھسۇلاتلار ئىچىدىكى بىرسى Visual Studio Code بولۇپ، بۇ قورالنى https://code.visualstudio.com دىن ھەقسىز چۈشۈرەلەيسىز.

بۇ كود تەھرىرلىگۈچ ئارقىلىق سىز ھازىرقى ئاساسلىق پروگرامما تىللىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يازالايسىز ھەمدە ئىجرا قىلالايسىز. مەسىلەن، C, C#, C++, Java, Python, PHP, ASP.NET, HTML, JavaScript, Objective-C, Swift, Perl, Ruby, Visula Basic, R قاتارلىق تىللار. مۇشۇنچىلا كۆپ تىللارنى بۇ چاققان تەھرىرلىگۈچ بىلەن خاتالىق تېپىش ۋە ئىجرا قىلىش ھەم باشقا مۇرەككەپ مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغىلى بولىدۇ.

Microsoft نىڭ ئىنتايىن مۇھىم ستراتىگىيىلىك ئۆزگىرىشلىرىنىڭ بىرى بولغان ”Open Source“ يولى بۇ تەھرىرلىگۈچكە ھاياتى كۈچ قوشقان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى ئورگان ۋە شەخىسلەرنىڭ ئختىيارى تۆھپە قوشۇشى بىلەن ئوخشىمىغان پروگرامما تىللىرىنى قوللايدىغان قىستۇرمىلار ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇپ تۇرماقتا. ئۆزىنىڭ يىنىك، سۈرئىتىنىڭ تېز بولىشى ھەمدە ئىزچىل يېڭىلىنىپ تۇرۇشى سەۋەبلىك بۇ قورال تېز سۈرئەتتە Mac ۋە Linux سېستىمىلىرىدا پروگراممېرلار ياقتۇرۇپ ئىشىلىتىدىغان تەھرىرلىگۈچكە ئالانماقتا.

ئەگەر سىز بىر نەپەر پروگرامما تۈزگۈچى ۋە ياكى كود يېزىشقا قىزىققۇچى بولسىڭىز، بۇ قورال جەزمەن سىزنىڭ بىر سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ