ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى فونتلىرى
Uyghur Kompyutér Ilimi Jem'iyiti Fontliri
Bu
bet üchün waqitliq ishlitilidighan font:
UKIJ Tuz
بۇ فونتلار LGPL ۋە Open Font ئىجازەتنامىسىدە ھەقسىز تارقىتىلدى.
All fonts are distributed for free and released under LGPL and Open Font licenses.
بۇ يەرنى بېسىپ ئويغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچى ۋە فونتلارنى تاللاپ قاچىلاڭ. Bu yerni bésip font we Oyghan Uyghurche kirgüzgüch (U.A.R konupka taxtisi we Xelq'ara AZERTY/QWERTY konupka taxtisi) qachilang. Click here to install Uyghur fonts and Oyghan Uyghur IME (UAR and International AZERTY/QWERTY keyboards).
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى MS-DOS قا كىرگۈزۈش ۋە ھەر خىل يۇمشاق دېتاللارنى
ياساش ئارقىلىق ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان،
شۇنداقلا تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەر خىل ئاماللار بىلەن
ياسىلىشىغا ئەڭ دەسلەپكى ئاساسنى ياراتقان شەخىسلەرگە ئالاھىدە رەھمەت
ئېيتىمىز. ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip دىن چۈشۈرۈڭ.
3- قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش پائالىيىتى تۆۋەندىكى تەلەپلەر بويىچە
ئېلىپ بېرىلدى: فونتلار تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈندى: |
1. مەتبۇئات-باسما خەت نۇسخىلىرى
ئالاھىدىكى: مەتبەئە ئۆلچىمىگە ماسلاشتۇرۇلغان، خەت نۇسخىسىغا كىرگۈزۈلگەن ھەرپ-بەلگىلەر 800-1400 گىچە بولۇپ ئۇلار ئەرەب، پارىس، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىلى، شۇنداقلا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەلىرىدىكى بارلىق ھەرپلىرى؛ لاتىن، سلاۋيان (كىرىل)، گرېك ھەرپلىرى ۋە مەتبەئەدە ئىشلىتىلىدىغان شەرتلىك بەلگىلەر، تىنىش بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈردىكى خەت نۇسخىلىرى كىتاب-ژۇرنال، گېزىت، ماقالە يېزىش ۋە بېسىش ئىشلىرىغا بەكرەك ماس كېلىدۇ. |
2. ئېكران يۇزى خەت نۇسخىلىرى
ئالاھىدىكى: تور بەتچىلىك، يۇمشاق دېتال كۆرۈنمە يۈزى قاتارلىقلارغا
ئىشلىتىشكە ماسلاشتۇرۇلغان، خەت نۇسخىسىغا كىرگۈزۈلگەن ھەرپ-بەلگىلەر
800-1000 گىچە بولۇپ، ئۇلار ئەرەب، پارىس، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىلى،
شۇنداقلا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەلىرىدىكى بارلىق ھەرپلىرى؛ لاتىن،
سلاۋيان (كىرىل)، گرېك ھەرپلىرى ۋە مەتبەئەدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان
شەرتلىك بەلگىلەر، تىنىش بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. |
№ | فونت نامى | ياسىغۇچىلار | بېكىتىمىزدە تارقىتىلغان ۋاقىت | كۆرگەزمە |
38 | UKIJ CJK | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2010- يىلى 6- دېكابىر | |
39 | UKIJ Ekran | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2010- يىلى 6- دېكابىر | |
40 | UKIJ Ekran (Bold) | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2011- يىلى 6- نويابىر | |
41 | UKIJ Inichke | مۇھەممەد ئېزىز | 2004-يىلى 17-دېكابىر | |
42 | UKIJ Inichke (Bold) | مۇھەممەد ئېزىز | 2004-يىلى 17-دېكابىر | |
43 | UKIJ Teng | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2010- يىلى 6- دېكابىر | |
44 | UKIJ Teng (Bold) | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2010- يىلى 6- دېكابىر | |
45 | UKIJ Tor | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2010- يىلى 6- دېكابىر | |
46 | UKIJ Tuz Tom |
ئۇيغۇرسوفت ئادىلجان ئابلىز(ئۇچقۇر) تۇرسۇنجان سۇلتان |
2004- يىلى 19- دېكابىر 2010- يىلى 6- دېكابىر |
|
47 | UKIJ Mono Keng | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2011- يىلى 6- نويابىر | |
48 | UKIJ Mono Tar | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2011- يىلى 6- نويابىر | |
49 | UKIJ Nokia | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2011- يىلى 6- نويابىر | |
50 | UKIJ SimSun | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2011- يىلى 6- نويابىر | |
51 | UKIJ Yanfon | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2011- يىلى 6- نويابىر |
3. ھۆسنخەت نۇسخىلىرى
ئالاھىدىكى: ئاساسلىقى
گۈزەل-سەنئەت لايىھەچىلىكى، ئېلان سۆزلىرى، ماۋزۇ قاتارلىق ئىش تۈرلىرىدە
ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىش دائىرىسى ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھۆسنىخەت
نۇسخىلىرىنىڭ ئىخچام ۋە يېقىشلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە
ھەرپ-بەلگىلەر؛ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، قازاق لاتىن يېزىقىدىكى بىر قىسىم
ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا 400 دانە
ھەرپ-بەلگىلەرلا كىرگۈزۈلدى. |
4. Mac OS X ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان خەت نۇسخىلىرى
ئالاھىدىكى: ئالما كومپيۇتېرى ۋە ئالما يانفونلىرىدا نورمال ئىشلەيدۇ.
سىستېما خەت نۇسخىسى قىلىشقىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ، بارلىق ئالما يۇمشاق
دېتاللىرىدا ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشى نورمال
كۆرىنىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ تۈرگە كىرگۈزۈلگەن باشقا خەت نۇسخىلىرىمۇ ئالما كومپيۇتېرىنىڭ بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللىرىدا نورمال ئىشلەيدۇ، بىراق بەزى تور كۆرگۈ ۋە يېزىق بىرتەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرىدا ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشى نورمال كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد، بۇ خىل مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى داۋاملىق تەتقىقات ئۈستىدە. |
№ | فونت نامى | ياسىغۇچىلار | بېكىتىمىزدە تارقىتىلغان ۋاقىت | كۆرگەزمە |
112 | UKIJ_Mac Basma | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2010- يىلى 6- دېكابىر | |
113 | UKIJ_Mac Basma (Bold) | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2010- يىلى 6- دېكابىر | |
114 | UKIJ_Mac Ekran | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2010- يىلى 6- دېكابىر | |
115 | UKIJ_Mac Ekran (Bold) | تۇرسۇنجان سۇلتان | 2010- يىلى 6- دېكابىر |
سەۋىيىمىز چەكلىك، خالىس ھەمكارلىشىدىغانلار ئاز، مەبلەغ ۋە ۋاقىت قىس بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن فونتلاردا ھەر خىل كەمچىللىكلەر ساقلانغان بولىشى مۇمكىن. ئەگەر، بايقىسىڭىز http://www.ukij.org/uey/modules.php?name=Forums&file=viewtopic&t=326#1518 گە پىكىر يېزىپ خەۋەر قىلغايسىز. يۇقىرىدىكى خەت نۇسخىلىرى بېكىتىمىزگە چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ UKIJ غا تەۋە بولۇپ خەلقئارالىق LGPL ئىجازەتنامىسى (http://www.gnu.org/licenses/lgpl.html) بىلەن تارقىتىلدى. بۇ دېگەنلىك، ھەر قانداق كىشى بۇ خەت نۇسخىسىلىرى ھەقسىز ئىشلىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق ۋەياكى ھەقسىز مەھسۇلاتلىرغا قوشۇپ تارقاتسا بولىىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەرگە ئەڭ يېڭى ھەم ئىشەنچلىك خەت نۇسخىسى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن باشقا تور بېكەتلەردىكى ئۇلىنىشلارنىڭ http://www.ukij.org/fonts غا قارىتىلىشىنى سورايمىز.
2- ۋە 3- قېتىملىق خەت نۇسخىلىرىنى تۈزەش پائالىيىتىدە مىننەتسىز ئالاھىدە
خىزمەت كۆرسەتكەن تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندىمگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
خەت نۇسخىلىرىنى Unicode ئۆلچىمىدە ئۆزگەرتىپ ياساپ بىرلىك ئۈچۈن
كۆپچىلىككە سوۋغات قىلغان يۇقىرىدىكى جەدۋەلدە ئىسمى بار بارلىق
شەخىسلەرگە؛ خەت نۇسخىلىرىنى سىناپ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىمىغان بىلىك،
نۇرقۇت، ئىنتىل قاتارلىق تور بېكەتلىرىدىكى تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمىز. ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەققىدە: ئەسلى ئاپتورلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ نامىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۇق. نارازىلىق ياكى تۈزىتىش پىكىرى بارلار گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بىلەن ئالاقىلاشسا، ياكى راستچىللىق بىلەن ئۆز-ئۆزىنى تۈنجى قېتىم ياسىغانلار تىزىملىكىگە قوشسا بولىدۇ، يۇقىرىدىكى «ياسىغۇچىلار» دا ئىسمى يېزىلغان كىشىلەرنىڭ نامى تۆۋەندىكى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن تۇنجى قېتىم ياسىغانلار تىزىملىكىدە بولمىسا Unicode قا ئايلاندۇرۇپ ئۆزگەرتىپ ياسىغۇچىلار دەپ قارىلىدۇ. يۇقىرىدىكى فونتلارنىڭ ئىچىدە ئەرەب ۋە پارىسچە ۋە باشقا فونتلار ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فونتلار بار، ئەڭ بۇرۇن ياسىغۇچىنى بىلىدىغانلار بولسا (مەيلى يۇنىكود ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ) گۈۋاھلىق بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز، گۇۋاھلىق بېرىلمىگەنلىرى بىردەك ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فونتلار دەپ قارىلىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى، تۈنجى قېتىم ياسىغانلارنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بىرلىك ئۈچۈن پايدىلىق فونتلارنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەش نومۇس ئەمەس، يالغاندىن «تۇنجى قېتىم ياسىغان» بولىۋېلىش ياكى باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى باشقا نامدا ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش نۇمۇس. UKIJ دەلىل ئىسپات ياكى گۈۋاھچىسىز «تۈنجى قېتىم ياسالغان» فونتلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ھەم ئۆزگەرتىپ ياسىغۇچى دەپ قارايدۇ. UKIJ كومپيۇتېر ساھەسىدىكى بارلىق تەتقىقاتچى، ھەۋەسكارلارنى ئۆلچەم ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يار برىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئۈچۈن ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىسى ۋە ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ تارقىتىشنى توختىتىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ كەسپىي ئەخلاق يېتىلدۈرۈشكە چاقىرىدۇ (بۇ ئۇچۇرلارنى باشقا بېكەتلەردىمۇ خەۋەر قىلىپ قويغايسىز). |
تۈنجى قېتىم ئۇيغۇرچە فونت ياسىغان تۆۋەندىكى شەخسلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز ئەسلىيە نۇسخىسى: 1998-1999- يىللاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر فاكۇلتىتى 94- يىللىق 2- سىنىپتىكى خەتتات ۋە كومپيۇتېرشۇناس تۇيغۇن ئوسمان ئەپەندى تۇنجى قېتىم ياسىغان. (گۇۋاھلىق بەرگۈچى: ۋارىس ئا. جانباز) رۇقئى (ياكى كەسمە) نۇسخىسى: 1999—2000 يىللاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر فاكۇلتىتى 95- يىللىق 1- سىنىپتىكى خەتتات ۋە كومپيۇتېرشۇناس نىجات ئەپەندى تۇنجى قېتىم ياسىغان. (گۇۋاھلىق بەرگۈچى: ۋارىس ئا. جانباز) UKIJ Esliye Chiwer, UKIJ Kufi Chiwer, UKIJ Chiwer Kesme بۇ 3 خەت نۇسخىسىنى 1999-2000- يىللادا مەرھۇم ئابدۇراھمان ئابدۇقادىر ئەپەندى تۇنجى قېتىم ياسىغان. (گۇۋاھلىق بەرگۈچى:ئالىم ئەھەت، ئابلىپىز دانا، مەمەتجان ئىلچى) UKIJ Basma, UKIJ Tuz (Bold), UKIJ Zilwa, UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى: 1998-يىللىرى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىن ئالىم ئەھەت ئەپەندى تۇنجى قېتىم ياسىغان (باشقا خەت نۇسخىلىرى بولسا يەنە قۇشۇپ قويىلىدۇ، گۇۋاھچى: http://www.ukij.org/uey/modules.php?name=Forums&file=viewtopic&t=326#1498) UKIJ Kufi خەت نۇسخىسى : 1997-يىلى ئۆكتەبىردە ھازىر جۇڭگو نېفىت گۇرۇھىدا ئىشلەۋاتقان كومپيۇتېرشۇناس ئالىم ئابدۇللا ئەپەندى تۈنجى قېتىم ياسىغان. (ئىزاھات) UKIJ Tuz Basma ،UKIJ Tuz Basma Bold ،UKIJ Ekran ،UKIJ Tor ،UKIJ Teng ،UKIJ Teng Bold ،UKIJ Orxun-Yensey ،UKIJ Orqun Basma ،UKIJ Orqun Yazma ،UKIJ Elipbe ،UKIJ Elipbe Bold ،UKIJ Eipbe Chekitlik UKIJ Elipbe ،Chekitlik Bold ،UKIJ_Mac Basma ،UKIJ_Mac Basma Bold ،UKIJ_Mac Ekran ،UKIJ_Mac Ekran Bold خەت نۇسخىلىرى : ئالپسوفت شېركىتىدىن تۇرسۇنجان سۇلتان ياسىغان. (ئىزاھات) ئەسلى ئاپتورىنى راستىنلا بىلسىڭىز داۋاملاشتۇرۇڭ... |
UKIJ نىڭ 2.0 نۇسخىدىكى كونا فونتلىرىنى http://www.ukij.org/2011giche-ishletken-fontlar دىن چۈشۈرەلەيسىز
2004-يىل 17-دېكابىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود جەدۋىلى
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى
بۇ بەت ياسالغان
ۋاقىت: 2004- يىلى 22- دېكابىر
ئاخىرقى قېتىم ئۆزگەرتىلگەن ۋاقىت:
Legal notice: All fonts are distributed for free and released under
LGPL
and
Open Font
licenses.
Useful links: |
© 2004 - 2011 Uyghur Computer Science
Association
http://www.ukij.org